مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.07.21 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇل كەچتە پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن پەلەستىن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پەلەستىن ياخشى قېرىنداشلار، ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىگە ئىشىنىپ كەلدى، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىدى. بۇ قېتىم يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان، جۇڭگو پەلەستىننى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن كۆپ تۈركۈم تەمىنلىدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ، جۇڭگو -پەلەستىن سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى كۆپ قېتىم ۋىدېيو ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى ھەمدە پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بەردى. جۇڭگو داۋاملىق پەلەستىن بىلەن تەجرىبىلىرىدىن تولۇق بەھرىلىنىپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئەشيا ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە پەلەستىننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن پەلەستىننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق تۈرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، پەلەستىن خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو پەلەستىن قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەلەستىن مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى يادرولۇق مەسىلە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ئىناۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق. بىز پەلەستىننىڭ ھەققانىي تەلىپىنى، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز. جۇڭگو «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ توغرا يۆنىلىشىدە، باراۋەر سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشتە چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىنىشىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ