شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2020.07.22 17:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ۋە زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى-ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور زەربە بەردى، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرى مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كەلدى. بازار سۇبيېكتى-ئىقتىسادنىڭ كۈچ ۋاسىتىسى، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش-ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە كاپالەتلىك قىلغانلىق. بازار سۇبيېكتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى قوغداپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىچىلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ جۇغلاش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، خەيكاڭ ۋېيشى رەقەم تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى چېن زۇڭنيەن، جۇڭگو جۇڭخۇا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى نىڭ گاۋنىڭ، ۋۇخەن گاۋدې ئىنفىرا قىزىل پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ لى، گېر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ بىن، شاڭخەي پىنخەي مېھمانسارىيىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شيەنجېن، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يەر شارى نوپۇزلۇق مۇئاۋىن لىدىرى، مىكروسوفت ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى تەتقىقات گۇرۇھىنىڭ رەئىسى خۇڭ شياۋۋېن، پاناسونىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى جۇڭگو چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى جاۋ بىڭدى قاتارلىق يەتتە كارخانىچىلار ۋەكىلى ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ۋەزىيىتى، بازار سۇبيېكتىنى قوغداش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، كارخانا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە ياخشى ئىشلىتىش، 14-بەش يىللىق پىلان قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ بەردى. كۆپچىلىك سۆز قىلغاندا، شى جىنپىڭ بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيداننىڭ كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن، جانلىق بولدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىكتە تىرىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭدى، ئەھۋال مۆلچەردىكىدىنمۇ ياخشى بولدى. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى تىرىشىپ تولۇقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئىستىراتىگىيىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادى تەرەققىياتتا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، ئەھۋال مۆلچەرلىگەندىنمۇ ياخشى بولدى. بىز ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقۇم ئەھۋالى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تىرىشىپ تولۇقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بازار سۇبيېكتى-ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد پائالىيىتىگە ئاساسلىق قاتناشقۇچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئاساسلىق ياراتقۇچى، تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلق كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تىرىشىپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزدى شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچلۈك ماددىي مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ بارلىق دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلار، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ