كارخانىچىلار روھى ئىنتايىن قىممەتلىك

2020.07.23 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن كەڭ دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قوشقان تۆھپىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!»

  يېقىندا كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ «رەھمىتى» كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ كەڭ كارخانىچىلار ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچلۈك ماددىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا كارخانىچىلار مۇھىم رول ئوينىدى، كارخانىچىلار روھى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ خىل روھ كارخانىچىلارنىڭ كارخانىلارنى يېتەكلەپ، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىدىكى كۈچ مەنبەسىدۇر.

  كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىشتە كارخانىچىلار روھى ئىنتايىن قىممەتلىك. روھ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، كىشىگە جاسارەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. كارخانىچىلارغا نىسبەتەن بۇ يىل بەك تەس بولدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىغا زور زەربە بولدى، نۇرغۇن كارخانىلار مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمغا دۇچ كەلدى. يۇقۇم ئالدىدا، تۈرلۈك كەسىپلەر قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ، لېكىن خەتەر ئىچىدە پۇرسەت بار بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرالامدۇ-يوق؟ بۇنىڭدا كارخانىچىلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەڭگۈ يېڭىلمەس روھى بار-يوقلۇقىغا، قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، «سەركە ئېففېكتى» رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان- قىلالمايدىغانلىقىغا قارايمىز. كارخانىچىلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈشتە كارخانىچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

  ئىقتىسادنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كارخانىچىلار روھى كەم بولسا بولمايدۇ. بۇنى ئېلىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى دۇچ كەلگەن ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسى بەلگىلىگەن. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بازارنىڭ يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ «يۇقۇم»دىن كېيىن يەنىمۇ جانلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى تېخىمۇ كۆپ كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا كارخانىچىلارنىڭ كارخانىچىلار روھىنى تېخىمۇ ئىجادىي جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىغا توغرا كېلىدۇ. كارخانىچىلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كارخانىچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر.

  بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئادەمدىن، بولۇپمۇ كارخانىچىلاردىن، كارخانىچىلار روھىدىن كېلىدۇ. كارخانىچىلار كارخانىچىلار روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، يېڭىلىق يارىتىش، سەمىمىي بولۇش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە خەلقئارا نەزەر قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، كارخانىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر مۇساپىسىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ