ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ھازىر تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملارنىڭ كېسەللىك تەكشۈرۈشىدە تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلىدىغانلىقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىندى، دېدى

2020.07.21 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ 20-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىمارلار بىر قېتىملىق يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەت بىلەن تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاشكارىلىنىش ۋاقتىغا بىرلەشتۈرگەندە، بىرىنچى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كېسىلى قوزغالدى، ھازىرقى تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملار ئىچىدىن كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىشتا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىغانلىقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىندى.

  رۈي باۋلىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 20-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغانلار بىر قەدەر تېز كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە 7-ئاينىڭ 18-كۈنى دوكلات قىلىنغانلار سانى بىر قەدەر كۆپ بولدى، بىر تەرەپتىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش قانۇنىيىتى بويىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى يۈز بەرگەن يۇقۇمدىكى بىرىنچى ئەۋلاد زىچ ئۇچراشقۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن يوشۇرۇن مەزگىلدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ياكى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارغا ئۆزگەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنى بايقىغاندىن كېيىن، «بىر تەرەپتىن ئېقىمنى تەڭشەش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش» پىرىنسىپى بويىچە، تېزدىن كەسكىن، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بەزى بىمارلاردا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنلا، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغانلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار 46 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار 50 نەپەر، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ئىچىدە يېنىك تىپتىكى بىمار 20 نەپەر، ئادەتتىكى تىپتىكى بىمار 24 نەپەر، ئېغىر تىپتىكى بىمار ئىككى نەپەر.

  ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ يۈشيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بارلىق بىمارلارنى داۋالاش ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك، كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولماقتا. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، دوختۇرخانا بىلەن بىرلىكتە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. دوختۇرخانا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھازىرقى داۋالاش لايىھەسى ۋە تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر ئادەمگە بىر سىياسەت» قوللىنىپ، كۆپ پەن بويىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش يولغا قويۇلدى.

  نۆۋەتتە، نەپەس، ئېغىر كېسەل، يۇقۇملىنىش، جۇڭيى تېبابىتى، پەرۋىش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى 55 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش مۇتەخەسسىسىدىن تەشكىللەنگەن ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا باھالاپ ۋە تەھلىل قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يېنىك كېسەللىكتىن ئېغىر كېسەللىككە ۋە خەتەرلىك كېسەللىككە ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

  ئېقىم تەڭشەش − يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. رۈي باۋلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىز تېزدىن ئېقىم تەڭشەش قوشۇنىنى تەشكىللەپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى كېچە-كۈندۈز دېمەي تەكشۈرۈپ، زىچ ئۇچراشقۇچىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈپ چىقتۇق. جايلار دەرھال تېببىي كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق مەھسۇلات، يېمەكلىك، نۇقتىلىق رايون سىرتىدىكى مۇھىت ۋە پاسكىنا سۇ ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولدى؛ بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان سىرتقى مۇھىتقا قارىتا ئاخىرقى دېزىنفېكسىيە قىلىندى.

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمى ئەۋەتكەن تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، نۆۋەتتىكى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

  19-ئىيۇل سائەت 24 كىچە، شىنجاڭدا (بىڭتۈەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 47 نەپەر (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەل ئىككى نەپەر) بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 46 نەپەر، قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر نەپەر. ھازىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار 50 نەپەر بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە. يەنە 3016 ئادەم تېببىي كۆزىتىلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ