مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پۇتبول مەيدانى پۇتبول تېپىدىغان جاي ئەمەس» دېگەندەك سۆز بىر ئۆزگىچە «قارا يۇمۇر» بولۇپ قالدى

2020.07.23 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شەنشى شىئەندىكى تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەلۇم تەنتەربىيە مەيدانىغا «بۇ پۇتبول مەيدانىدا پۇتبول تېپىشكە بولمايدۇ» دېگەن ئۇقتۇرۇش چاپلاغان. شۇ توپ مەيدانىنىڭ ئىشىك باقارى چۈشەندۈرۈپ، بۇ يەردە توپ تېپىشكە يول قويماسلىقتىن مەقسەت راھەت-پاراغەتتە ئايلىنىپ يۈرگەن بالىلارنىڭ باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلاش ئۈچۈندۇر، دېگەن. ئۇ ئىشىك باقارمۇ بۇ بەلگىلىمىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇ پەقەتلا ئۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر. توپ تېپىپ ئادەمنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا مەيداننى بېرىشنى رەت قىلدى، ئەمما بۇ، پۇتبول مەيدانىنى باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئۇسۇلى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشنى پەيدا قىلدى.

  «پۇتبول مەيدانىدا پۇتبول تېپىشكە بولمايدۇ» دېگەن گەپ خۇددى «ئاشخانىدا تاماق ئېتىشكە بولمايدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تېز سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەشكە بولمايدۇ» دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاش، ھەممىسى بىمەنە «قارا يۇمۇر»دۇر. ئىشىك باقارنىڭ دېيىشىچە، باشقىلارنىڭ توپ تېپىشىگە يول قويماسلىقتىكى سەۋەب شۇكى، ئىلگىرى بەزىلەر توپ تېپىپ كىچىك بالىلارنى يارىلاندۇرغان. بۇ خىل باشقۇرۇش تەدبىرى ئېنىقلا گالغا تاماق تۇرۇپ قېلىشتىن قورقۇپ تاماق يېمەسلىك، ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن قورقۇپ توپ تەپكىلى قويماسلىق دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭدىن قارىغاندا، نۇرغۇن تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ماس كەلمەيدىكەن-دە؟ ئۇنداقتا، پۇتبول مەيدانى ۋە تەنتەربىيە زاللىىرىنى تاقىۋەتكەن ياخشىكەنغۇ.

  پۇتبول بولسا، بەدەن ئانتاگونىيەسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىدۇر. مۇسابىقە كەسكىنلەشكەندە، دەرۋەقە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى تۈپەيلىدىن بەدىنىنىڭ يارىلىنىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇتبول ئوينىغاندا سۈرئەت تېز، يېقىن ئارىلىقتىن سوقۇلۇش كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەيدان سىرتىدىكى تاماشىبىنلارمۇ بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاپ تۇرىشى، ئۇچۇپ كەلگەن پۇتبولنىڭ زەخىملەندۈرۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. مۇنتىزىم پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقىلەشكەندە، تاماشىبىنلار چوقۇم تاماشىبىنلار ئورنىدا ئولتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ھەمدە ئۇلار رېشاتكا ۋە توسۇق قاتارلىقلار بىلەن ئايرىۋېتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.

  تورداشلار تورغا يوللىغان ۋىدىئودا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق تەنتەربىيە مەيدانىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك قوغداش ئۈسكۈنىلىرى بار ئىكەن، ئەمما ئۇ قوغداش ئۈسكۈنىلىرى پەقەت رەسمىي مۇسابىقە مەزگىلىدىلا ئىشلىتىلىدىكەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك توپ تېپىشىگە چەك قويۇلمايدىكەن، خىزمەتچى خادىملارغىمۇ چەكلىمىسى ۋە باشقۇرۇشى يوق ئىكەن، ئۇ چاغلاردا ئۇ قوغداش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلمىگەچكە، باشقىلار مەيدانغا كىرسە، ياكى توپ مەيدانىغا يېقىنلاشسا، يارىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ تۈردىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىراھەت چېنىقىشىدىكى ئۇنىۋېرسال مەيدان بولغاچقا، ئۇ يەردە توپ تېپىلىپ ئوينىغاندىن باشقا يەنە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى تەنتەربىيە مەيدانىدا سەيلە قىلىپ ئايلىنىپ يۈرىدىكەن، يۈگرەيدىكەن ۋە قوغلىشىپ ئوينايدىكەن، بەزىلىرى پۇتبول مەيدانىنىڭ يېنىدا قاراپ تۇرىدىكەن.

  پۇتبول مەيدانى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن ۋە شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ئارىلىقسىز بولغان ئەھۋالدا، توپ تېپىشنىڭ باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى دەرۋەقە زور بولىدۇ. بۇ خىل ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈز بەرگەن كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىش ھادىسىلىرىدە، ئالاقىدار تەرەپ يارىلانغانلارغا تۆلەم تۆلەپ بەرگەندىن باشقا، تەنتەربىيە زالىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەمدە بىر قىسىم تۆلەمنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. «پۇتبول مەيدانىدا پۇتبول تېپىشكە بولمايدۇ» دېگەندەك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاللاشتىكى سەۋەب تۆلەم ماجىراسى خەتىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. بىراق، تەنتەربىيە زالى ئاممىۋى سورۇن، شۇڭا، باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ بۇ خىل باشقۇرۇش تۈزۈمى كىشىلەردە "بۇ قاراپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقمۇ-قانداق؟" دېگەن گۇماننى قوزغايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، تەنتەربىيە زالىدا تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، كىشىلەر ئېقىمى يۇقىرى دولقۇنىنى ئۆتكۈزۈپ توپ تېپىش، توپ تېپىش ۋاقتىنى بەلگىلەپ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلار. شۇنداق قىلغاندا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھەممە كىشىنى خۇشال قىلغىلى بولىدۇ. بۇ باشقۇرغۇچى تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىقىم كۆپ بولمايدۇ، پەقەت باشقۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشلا لازىم بولىدۇ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ ئاسان.

  بۇ ئىشمۇ ئاممىۋى سورۇننى باشقۇرغۇچىلارغا بىر ئەسكەرتىش بېرىدۇ، ئاممىۋى سورۇنلارنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشىدا، ئۇنداق ئاددىي ۋە قوپال ئۇسۇللارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىنچىكە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ