خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، تەكلىپكە بىنائەن لائوس زۇڭلىسى تۇڭلۇن بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-لائوسنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بېنياڭ بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلىدى. جۇڭگو-لائوس لەنساڭجياڭ- مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەسلىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ 3-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سىنلىق ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى ئاساسلىق مەقسەت ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يىل ئىچىدىكى لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يىغىنىغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، رايونلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە سودىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى سىجىل كېڭەيتىپ، سىرتقا قارىتا دىققەت ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا مەركەزلەشكەن، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان ئاكتىپ سىگنالنى تارقىتىشتىن ئىبارەت.لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو لائوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ يىلقى شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى بويىچە رەھبەرلەرنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنىنى ياخشى ئېچىش، بولۇپمۇ يىل ئىچىدە «رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئىمزالاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىق يىلىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ