مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى لۇنگۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.07.21 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇل كەچتە زامبىيە زۇڭتۇڭى لۇنگۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى-پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئېغىر كىرىزىس ۋە كەسكىن سىناق بولدى. يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، زامبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىزنى قىممەتلىك قوللىدى. ئافرىقىدا يۇقۇم پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئوخشاش ھېسسىياتتا بولۇپ، ئالدى بىلەن تېزدىن ياردەم بېرىپ، ئەشيا ياردىمى بىلەن پائال تەمىنلەپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلدى. مەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشنى كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلدىم. جۇڭگو ئالاقىدار تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامبىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق چامىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرمەكتە، مەن زامبىيەنىڭ زامبىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ تۇرمۇش، خىزمىتىنى داۋاملىق كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-زامبىيە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىدە ئۆز ئارا قوللىشىپ كەلدى. يۇقۇم گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ يۈزتۇرانە ئالماشتۇرۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو بىلەن زامبىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو زامبىيە بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جانلىق، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىپ ۋە قوللىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىك، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك. مەن بۇ قېتىمقى بىرلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو-زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ