مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش كېرەك

2020.07.22 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشقىچە، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتى بار. ئادەمنىڭ تەشەببۇسكارلىقى شۇ يەردىكى، تارىخىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش.

  ھازىر خەلقئارادا قورۇقچىلىق پىكىر ئېقىمى ئۆرلەۋاتىدۇ، لېكىن بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3- يىغىنىغا قاتناشقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش ۋە زور تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىنسانلار دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى داۋاملىق يامراۋاتىدۇ، بۇ ھالەت ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە يەر شارى ئىقتىسادىغا زور تەھدىت سالدى. ئىنسانلار جەمئىيىتى قەيەرگە بېرىش كېرەك؟ يىغىنچاقلاپ قارىغاندا، «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش» بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرغانلىق بولسا، بېكىنمىچىلىك قىلماي، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىنى تاللىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئورتاق ياشاۋاتقان يەر شارى كەنتىدە، تىنچ ھەمكارلىشىش ، ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېقىمى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي ۋەزىيەت ۋە دەۋر ئېقىمى بولۇپ قالدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بارغانسېرى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندى. ئۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى جاكارلاشتىن باشلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، ھەمدە خەلقئارا ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىشقىچە، جۇڭگو ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

  تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرغانلىق قارشىلاشقانلىق ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىقنى تاللىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. يۇقۇمنى يېڭىشتە، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر. يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك بولمىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ بەزى سىياسەتۋازلىرى يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش، يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ قارا چاپلاش، ھەمدە مۇئەييەن دۆلەتكە ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا قارا سۈرتۈش دېگەندەك يامان نىيەتلەردە بولۇپ، ئۆز دۆلىتى ۋە دۇنيانىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئېغىر كاشىلا قىلدى. تارىخ ئاخىر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرغاندىلا، خەلقئارا جەمئىيەت يۇقۇمنى يېڭىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانىنى قوغدىيالايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، ئوخشاشلا كېڭىشىپ ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ چوڭ، قارشىلىق كۈچى تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ.

  گەرچە بەزى قايتىلانما دولقۇنلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، گەرچە نۇرغۇن خەتەرلىك خادا تاشلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دەريانىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ھالىتىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يەڭسەك، يەر شارى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل ماكانغا ئايلىنىدۇ !

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ