مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يىراقنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش لازىم

2020.07.22 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق − پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئېسىل ئىستىلى بىلەن زادى چىقىشالمايدىغان پارتىيەمىزنىڭ چوڭ دۈشمىنى، خەلقنىڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھالقىلىق مەزگىلدە، شەكىلۋازلىق − پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر چوڭ توسالغۇ. شەكىلۋازلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش، تۈزۈلمە-مېخانىزم قاتلىمىدىن مەسىلىنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، تۈزۈمنىڭ قۇدرىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق ئىستىل مەسىلىسى ئاسان قايتا باش كۆتۈرىدۇ، يەنە يوشۇرۇنۇپ، شەكىل ئۆزگەرتىپ، يېڭى شارائىتتا يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئىپادىدە پەيدا بولىدۇ. ئىستىل قۇرۇلۇشىدا مۇھىمى توختىماي چىڭ تۇتۇپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. تۈزۈم − مۇقىملىق، ئومۇمىيلىق، ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق چەكلىمە شەكىللەندۈرىدۇ. تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تايىنىپ، تۈزۈم چەكلىمىسىنى كۈچەيتكەندىلا، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى، ئىجرا قىلىنىشى − يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش يېڭى ئىستىلنى شەكىللەندۈرۈپ، راست گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، دادىل ئىشلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالىدىغان سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق.

  شەكىلۋازلىقنىڭ مەنبەسى ئىدىيەۋى تونۇشتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەكىلۋازلىق ماھىيەتتە سۇبيېكتىپچىلىق، مەنپەئەتپەرەسلىك بولۇپ، نەتىجە قارىشىنىڭ خاتا بولۇشى، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ كەم بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، داغدۇغىلىق شەكىلنى پۇختا ئەمەلىلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، گۈزەل تاشقى قىياپەت بىلەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى يوشۇرىدۇ. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق پەرھىز تۇتۇشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تۈزۈمىگە كىرگۈزۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، ئەمەلىي تۇتۇپ تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش − تۈزۈم ئارقىلىق تۈپتىن تۈزەشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرىدۇر. تۈزۈم ئارقىلىق خەلقنى مەركەز قىلىش مەيدانىنى قوغداپ، تۈزۈم ئارقىلىق «نەتىجە قازىنىش ماڭا باغلىق ئەمەس» دەيدىغان نەتىجە قارىشىنى پۇختىلاپ، تۈزۈم ئارقىلىق «نەتىجە قازىنىشتا مەن بار» دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەندە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى يېڭىدىغان ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى مەنبەسىدىن تۈگىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە شەكىلۋازلىقنى يېڭىدىغان ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، شەكىلۋازلىق بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. مەسىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە، ئايرىم جايلاردا «قان بېرىش شەكلىدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېساب ئېلىش شەكلىدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلىدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى __ پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، ئامما قاتنىشىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا. ھوقۇقنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ بېرىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش __ شەكىلۋازلىقتىن پەرھىز تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىش بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. كەنت ئاھالىلىرى سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى، مەھەللە كېڭىشىش يىغىنى قاتارلىق دېموكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، شەھەر- يېزىلارنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشنى تورلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەقلىي تۈزەش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلغاندا، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

  شەكىلۋازلىق بىر دەۋر، بىر جاينىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئەمەلىي ئىش قىلماقچى بولغان كادىرلارنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ، ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، تۈزۈم تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ: كادىرلارنى باھالاش، تاللاپ ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندە، ياخشى كادىرلارنى تاللاپ چىققىلى، ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؛ كادىرلارنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش، قوشۇمچە ياردەم پۇلى، ۋەزىپە-ۋەزىپە دەرىجىسى قاتارلىق تەمىنات كاپالىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى جانلىق ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلغاندا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي خىزمەتكە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؛ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇش، خاتالىقىنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ؛ دەل جايىدا نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئىجرا قىلىپ، ئەپلەپ- سەپلەپ ئىش قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈپ، مۇناسىپ جازالىغاندا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  تۈزۈم ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى يېڭىش ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەدبىرىدۇر. ئەلۋەتتە، تۈزۈم قۇرۇلۇشى بىردەمدىلا قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى، قۇدرىتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. ئۈنۈملۈك تۈزۈم بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك كاپالەت شەكىللەندۈرۈش − ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يولىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ