مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى.

2020.07.23 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتى مۇقىم راۋاجلىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقى، بەختى ۋە يەر شارى ھەم رايوننىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇش، جاپا-مۇشەققەتنى تەڭ تارتىشنىڭ ھېكايىسىنى يېزىپ چىقتى. مەن جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ سالمان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «2030-يىللىق ئارزۇ» پىلانىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  سالمان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىدە غايەت زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ-ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ھەم ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى. مەن بۇ ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى خالايمەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئوخشاش ياكى يېقىن كۆز قاراشقا ئىگە، سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ