مائارىپ مىنىستىرلىقى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنىڭ كېچىكتۈرۈپ ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2020.02.28 17:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى «2020-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەت بويىچە ئالىي مائارىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنى كېچىكتۈرۈش بېكىتىلگەن، كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ