خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.
ھاۋا تازىلىغۇچنىڭ ۋىرۇسنى سۈزەلەيدىغان-سۈزەلمەيدىغانلىق مەسىلىسى توغرىسىدا، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى فېڭ لۇجاۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بازاردا بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھاۋا تازىلىغۇچ شامالدۇرغۇچ ۋە سۈزۈش قۇرۇلمىسىدىن تەركىب تاپقان شامالدۇرغۇچ ئۆيدىكى ھاۋانى سۈمۈرىدۇ، سۈزۈش قۇرۇلمىسى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ھەر خىل بۇلغىمىلارنى سۈزۈپ، ئاندىن ھاۋانى چىقىرىدۇ. ھاۋا تازىلىغۇچ ئاساسلىقى ھاۋادىكى بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل بۇلغىمىلارنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن مەھسۇلات ئۆلچىمىدە ۋىرۇس ياكى باشقا كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆلتۈرىدىغان تەلەپ يوق. شۇڭا، ھاۋا تازىلىغۇچنىڭ ۋىرۇسنى سۈزەلىشى ناتايىن.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئائىلىدە كۈندە ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، تەبىئىي ھاۋا ئالماشتۇرسا ياكى ئۈسكۈنىدە ھاۋا ئالماشتۇرسا بولىدۇ، لېكىن ھازىرقىدەك تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن ئەھۋالدا، دېرىزە ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئۆي ئىچى-سىرتى تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان زۇكام بولۇپ قېلىشتىن دىققەت قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ