مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇم مەزگىلىدە مەركەزلىك ھاۋا تەڭشىگۈچنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

مۇتەخەسسىس ھەپتىدە بىر تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، دېدى

2020.02.14 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 13-كۈن چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇھىم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە داۋالاش بايلىقىنى تەڭشەشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مەركەزلىك ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىش مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇھىت ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ ليۇبو مۇنداق دېدى: ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىش ئېغىزى، شامال كىرىش ئېغىزىدىكى سۈزگۈچ قاتارلىق ئورۇنلارنى ھەپتىدە بىر تازىلاش ئىنتايىن مۇھىم. شامال بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى ۋە گۇمانىي ئاغرىقلار بايقالسا، مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچنى ۋاقتىدا تاقاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ، باھالاپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، بەزى دېزىنفېكسىيە قىلىش قۇرۇلمىسى ياكى ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان مەركەزلىك ھاۋا تەڭشىگۈچنى يۇقۇم تارقالغان مەزگىلدە ئېچىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ