مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مائارىپ 24 مىڭدىن ئارتۇق تور دەرسىنى ئېچىۋەتتى

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تور بۇلۇت سۇپىسى 17- چېسلا ئېچىلىدۇ

2020.02.13 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى 12- چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مائارىپ سىستېمىسى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دېڭفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر قايسى جايلار كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش باشلاش كېرەكلىكىنى ئېنىق دېدى. رەسمىي ئوقۇش باشلانغان ۋاقىتتىكى ھالقىلاردىمۇ يەنە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشتا يۇقىرى زىچلىقتىكى دەرس ۋاقىتلىرىنى چوقۇم ۋاقىتنى چېچىپ كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، رايۇنلار بويىچە ۋە قاتلاملار بويىچىمۇ چېچىپ كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوخشاش بىر رايوندا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتنى چېچىپ كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقۇم ئېغىر بولىۋاتقان رايونلار ۋە باشقا رايونلار ۋاقىتنى كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم ۋە ئۇتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلارمۇ ۋاقىتنى كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، يۇقۇم ئېغىر رايوندىن كەلگەن، يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان بىمارلار بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە يۆتىلىپ قىزىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ئايرىم ئايرىۋېتىپ كۆزىتىلىشى مۇمكىن، باشقا ساۋاقداشلار ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇشلىرى كېرەك. ۋۇخەن رايونىدا ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن، سىرتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېرىشىغا بولمايدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يەن تونۇشتۇرۇپ، "يۇقۇم مەزگىلىدە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدىن توردا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش دەرسلىرىنى تۈزۈپ ئۆتۈشىنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلمايدۇ، ئىلھام بەرمەيدۇ، ئۈمىد قىلمايدۇ ۋە تەكلىپ بەرمەيدۇ." دېدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى توردا دەرس سۇپىلىرىدىن 22 دەرس سۇپىسىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭدا 24 مىڭدىن ئارتۇق دەرسلىكنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە تەشكىللىدى. بۇ سۇپىلاردىكى دەرسلەر تولۇق كۇرستىكى 12 پەن تۈرىنى، مەخسۇس تېخنېكوم مەكتەپلىرى ۋە ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردىكى 18 چوڭ تۈرنى قاپلىدى.

  دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن تەسىس قىلغان تور بۇلۇت سۇپىسى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى ئېچىلىدۇ، جايلارنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالاقىدار دەرس ۋە بايلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ دەرس بايلىقىلىرى نامرات يېزا رايونلار، بولۇپمۇ تور سىگنالى بىر قەدەر ئاجىز بولغان ۋە تېلېۋىزور راۋان بولمىغان رايونلارنى قاپلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ