خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» دېيىلىدۇ) ۋە يېڭىدىن تۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزاملارنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2012-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى نىزام تۈزۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش بەلگىلىمىسى» پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە تەلەپكە ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ