مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

چوشقىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.09.12 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «چوشقىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاش خىزمەت ئومۇمىي رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوشقا گۆشىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىپ، مەۋقەنى نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا قويۇپ، نەزەرنى يىراققا تىكىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر، جايلىشىشى مۇۋاپىق، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش ماسلاشقان چوشقىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ چوشقا گۆشى ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھازىرقى چوشقىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ چوشقىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، باقمىچىلىقنى مەنئى قىلىش رايونلىرىنى بېكىتىش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نەسىللىك چوشقا، چوشقا كۈچۈكى ۋە چوشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئافرىقا چوشقا ۋاباسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، چوشقا بېقىش-سېتىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بازارنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ زامانىۋى باقمىچىلىق سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۆلچەملەشكەن كۆلەملىك باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك چوشقا فېرمىسى (چوشقا باققۇچى)لارنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، چوشقىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باقمىچىلىقنىڭ كېرەكسىز نەرسىلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، چوشقىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسلىق رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنى تەكشۈرۈش ۋە ھايۋانات كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ زامانىۋى چوشقا ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇشخانا كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى چوشقا يۆتكەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، توڭلىتىلغان زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ