خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈردى. بېيجىڭ، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، شاڭخەي، ئەنخۇي، خۇنەن، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، شىزاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى يېزا -بازار، كوچا ۋە كەنت، مەھەللىلەر بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۆرنەك قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشنى باغلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئەينەن ئۆگىنىپ، غايە - ئېتىقادتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش
جايلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىپ، تەربىيەنى قانات يايدۇردى.
بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى ئولىمپىك كەنتى كوچا باشقارمىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىدىن باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا «بەش بىر»نى چىڭ تۇتۇشنى، يەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىنى بىر قېتىم نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بىر قېتىم مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتۈشنى ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا شەخسىي ئۆگىنىش تەسىراتىنى دوكلات قىلىشنى، پارتىيە ئەزالىرى ئاز دېگەندە بىر قېتىم پىدائىيلار پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئەتراپىدىكى ئاممىغا ئاز دېگەندە بىر ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى، پارتىيە ياچېيكىسى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى.
خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرى چىڭلۇڭ مانجۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شياۋيىڭزى بازىرىدا شياۋيىڭزى پارتىيە ئەزالىرى دەرسخانىسى ۋە شياۋيىڭزى «يېزا پارتىيە مەكتىپى» قۇرۇپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ھەقىقىي تۈردە قەلبىگە سىڭدۈردى؛ خەندەن شەھىرى فېڭفېڭ كان رايونى جيېچېڭ بازىرى شەھەر –بازار رەقەملىك پارتىيە قۇرۇلۇشى سارىيى قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەت دەرسخانىسى»، «ئاۋانگارتلار دەرسخانىسى»، «قىزىل دەرسخانا» قاتارلىق ئۆگىنىش ماركىسىنى بەرپا قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ