تيەنئەنمېن مەيدانى 14-چېسلا، 15-چېسلا ئېچىۋېتىشتىن ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ
2019.09.12 16:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تيەنئەنمېن رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى 2-قېتىملىق مانېۋىرىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، تيەنئەنمېن مەيدانى 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 14-، 15 -كۈنلىرى ئېچىلىشتىن توختىتىلىدىكەن. 9 -ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، مەيداننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئېچىۋېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ