مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېتەكچى پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

2019.06.27 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۇنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :

  دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسىدۇر. تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى بولسا، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق ۋاسىتىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، گۈزەل جۇڭگونىڭ مۇھىم سىمۋولى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. دۆلىتىمىز 60 نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، سانى كۆپ، تۈرى مول ۋە ئىقتىدارى كۆپ بولغان ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر خىل تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى قۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، تەبىئىي مىراسلارنى ساقلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، لېكىن، قاتمۇقات تەسىس قىلىش، كۆپ تەرەپ باشقۇرۇش، چېگرا ئېنىق بولماسلىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولماسلىق، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، كىشىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.(مەنبەنى بېسىپ تەپسىلىي مەزمۇنىنى كۆرۈڭ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ