9- ئاينىڭ 5-كۈنى، لاڭفاڭ شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپتە لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونلۇق كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى بالىلارنى كۆز گىمناستىكىسى ئويناشقا يېتەكلىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «كۆز ئاسراش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كۆز ئاسراشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى