باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتتى

سۇلۇق يەر ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، 800 مىليون مو قىزىل سىزىق بەلگىلەندى

2016.12.13 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سۇلۇق يەرنى قوغداش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ھاياتى ۋە بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. سۇلۇق يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلەم مىقدارىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا. ئېلىمىزدىكى سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمىنى 800 مىليون مودىن تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە، تەبىئىي سۇلۇق يەر كۆلىمى 700 مىليون مودىن تۆۋەنلىتىۋەتمەي، 3 مىليون مو سۇلۇق يەر كۆلىمىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، سۇلۇق يرنى قوغداش نىسبىتىنى %50 تىن ئاشۇرۇش كېرەك. سۇلۇق يەرنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەر كۆلىمىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سۇلۇق يەردىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «لايىھە» دە، سۇلۇق يەرنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر بىر قاتار تۈزۈملەرنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئايدىڭۇلاشتۇرۇلدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر