باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى

ئاز سانلىق مىللەت، چېگرا رايونلىرىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك

2016.12.13 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يېقىندا يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلاملىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت، چېگرا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يۈننەن ئۆلكىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ليۇ يەندۇڭ مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەيزۇ مىللىتى، جىنو مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت كەنتلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە مائارىپ، سەھىيە خىزمەتچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا «بىر مىللەتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە پائال ماسلىشىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ھالقىما تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر