باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرغۇچى «ۋاكالەتچى دۆلەت» بولۇشىغا قارىتا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى

2016.12.13 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12- دېكابىر سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرغۇچى «ۋاكالەتچى دۆلەت» بولۇشىغا قارىتا، جۇڭگو شۇ كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش- تارتىشلارنى ھەل قىلىش تەرتىپىنى يولغا قويدى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلدى.

  «جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ 15- ماددىسىدا، باشقا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزالىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇشنى تەكشۈرۈشتە «ۋاكالەتچى دۆلەت» بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغان، بىراق جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ 15 يىلدىن كېيىن، يەنى 2016-يىلى 12- ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

  سودا مىنىستىرلىقى ئاخبارات باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 15 يىللىق مۆھلەتنىڭ توسۇشىغا ئەگىشىپ، باشقا دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرى «جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمنامىسى» نىڭ 15- ماددىسىغا ئاساسەن، جۇڭگونىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى تەكشۈرۈشتە قوللانغان «ۋاكالەتچى دۆلەت» بولۇش ئۇسۇلىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، بۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئۆتەشكە قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيىتى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر