باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى توغرىسىدىكى ئون تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

2016.12.13 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015- يىلى 11-ئايدا «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9)» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «ئىككى خىل بەلگىلەنگەن ساندىن ئېشىپ كېتىش، بىر خەتەرلىك»دىكى ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىدىن 839نى بىر تەرەپ قىلدى. يېقىندا، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون تىپىك دېلونى تاللاپ ئېلان قىلىپ، كەڭ شوپۇرلارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىنى، ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدىمەسلىكىنى، بىخەتەر ۋە مەدەنىي يول يۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  بۇ بىر قانچە دېلو يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا بەلگىلەنگەن ساندىن ئاشۇرۇپ يولۇچى سېلىش، يۈك ئاپتوموبىلىغا يۈكنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بېسىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. بۇلار ئىچىدە، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، ياڭ فامىلىلىك ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ 109-دۆلەت يولىنى بويلاپ شەرقتىن غەربكە قاراپ كېتىۋېتىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋۇخەي شەھىرى گوڭۋۇسۇ بازىرىنىڭ تېڭدا مېھمانخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، جاۋ فامىلىلىكنىڭ ئالدى تەرەپتىكى شىمالدىن شەرققە قارىتىپ كەينىگە ياندۇرغان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىككى ئاپتوموبىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياڭ فامىلىلىك ھەيدىگەن ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى خەتەرلىك بۇيۇم كالتسىي كاربىدنى قانۇنسىز توشۇغان، ئاپتوموبىلغا يۈكنى ئۆلچەمدىن 12.355 توننا ئاشۇرۇپ باسقان، بەلگىلىمە بويىچە ئەسلىدە 33.74 توننا يۈك بېسىشى كېرەك بولۇپ، %173 ئاشۇرۇپ باسقان. ياڭ فامىلىلىك ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ۋۇخەي شەھىرى خەينەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر