خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن تۇرسۇن راخمان) پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسى ئالىچاچباغ كەنتىلىك ئوبۇلقاسىم يۈنۈس يېقىنقى يىللاردا، پوسكام نېفىتلىكى بازىرىدا ئاشپەزلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان ئىدى. ئۇ، يېقىندا كۈيباغ يېزىسى شور كەنتىدىكى «قوش تىل» بالىلار يەسلىسىگە 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 50 يۈرۈش پارتا-ئورۇندۇق ياردەم قىلىپ، ئۆزىنىڭ مائارىپنى قوللاش ئالىيجاناب روھىنى نامايان قىلدى. ئوبۇلقاسىم يۈنۈس بۇ يىل «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمى ھارپىسىدىمۇ بۇ يېزىنىڭ سايئېرىق باشلانغۇچ مەكتىپىگە 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدە 50 يۈرۈش پارتا-ئورۇندۇق ياردەم قىلغانىدى.
سۈرەتتە: ئوبۇلقاسىم يۇنۇس شور كەنت «قوش تىل» بالىلار يەسلىسىدىكى بالىلارغا پارتا-ئورۇندۇق ياردەم قىلماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى