باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىك ساھەسىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تۇنجى خىزمەت پونكىتى شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشتى

2016.11.30 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- نويابىر، مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىك ساھەسىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تۇنجى خىزمەت پونكىتى ئاپتونوم رايونلۇق 6- خەلق دوختۇرخانىسىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. بۇندىن كېيىن، شىنجاڭدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار، شىنجاڭدا ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  مەزكۇر خىزمەت پونكىتىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ فۇشېڭ ۋە ئۇنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق 6- خەلق دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق داۋالاش، تەتقىق قىلىش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 6- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىدۇ .

  بۇ قېتىملىق ئاكادېمىك خىزمەت پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسەت بولسا، شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن كىلىنىكىلىق داۋالاش سېپى قۇرۇپ، ئېغىر تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يېڭىچە داۋالاش تېخنىكىسىنى ۋە تېببىي تەتقىقاتىنى ئايلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كىلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىردا يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سۇپىسىنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر