باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئورمان ساياھەتچىلىرىنىڭ سانى مەملىكەت ئىچى ساياھىتىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتكەن

2016.09.26 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ 2016-يىللىق جۇڭگو ئورمان ساياھەت بايرىمى ۋە چاڭبەيشەن خەلقئارا ئېكولوگىيە مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئورمان ساياھەتچىلىرىنىڭ سانى مەملىكەت ئىچى ساياھىتىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۇڭلى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 30 يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئورمان ساياھىتى ئىزچىل تېز تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ئورمان ساياھەتچىلىرى تۆت مىليارد ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %15تىن ئاشتى. 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئورمان ساياھەتچىلىرى بىر مىليارد 50مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، مەملىكەت ئىچى ساياھەتچى سانىنىڭ %26نى ئىگىلىدى.

  جاڭ يۇڭلى مۇنداق دېدى: دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ ئورمانلىققا كىرىش، تەبىئەتنى ھېس قىلىش ئېھتىياجى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، بارغانسېرى كۆپ خىللاشماقتا، ئورمان ساياھىتىدە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا ئۆتكۈر، ئورمان ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى تېخى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى .

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئورمان ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمان ئېكولوگىيە ساياھىتىنىڭ ئېكولوگىيە ئورمانچىلىقى، خەلق تۇرمۇشى ئورمانچىلىقى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر