باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ رايونىدىكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك 67 دوختۇرخانا كېسەلخانا دوختۇرى قوبۇل قىلىدۇ، بىر قىسىملىرىنىڭ نوپۇسىنى ئولتۇرغۇزغىلى بولىدۇ

2016.08.05 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ رايونىدىكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك 67 دوختۇرخانا ۋە رايون داۋالاش مەركەزلىرى ئىچكى ۋە تاشقى بۆلۈملەرنى، ھەمدە ئاياللار، بالىلار، ئېغىز، جۇڭيى قاتارلىق 38 خىل تېببىي كەسىپلەرنى ئېچىۋېتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەنگەن قاتناشقان كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى بېيجىڭغا ئولتۇرغۇزغىلى بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشنىڭ 1- تۈركۈمدىكى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10- ئاۋغۇست سائەت 9دە باشلىنىپ، 15- ئاۋغۇست سائەت 24دە ئاخىرلىشىدىكەن. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش كۇرسىسىغا قاتنىشىدىغان خادىملار ”بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش - باشقۇرۇش سىستېمىسى“ (تور ئادرېسى: http://bjzyy.wsglw.net)غا چىقىپ، توردا تىزىملاتسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر