باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لوندون تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىدۇ

2016.08.04 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 3-ئاۋغۇست، لوندوننىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كوچىلاردا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ساقچىنى 600 گە كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى سادىقخان مۇنداق دېدى: لوندون شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم نىشان قىلىنىدۇ. يېقىندا ياۋروپادا ئارقا ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قارتا، لوندون ئويلىمىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەييارلىقنى ياخشى تولۇقلىشى كېرەك.

  لوندون ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: ياۋروپادا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپەيگەنلىكتىن، لوندون شەھىرى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەر رايونىغا قوراللىق ساقچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. لوندوندىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ سانى 2 مىڭ 800 گە كۆپەيتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئېنگلاندنىڭ باشقا رايونلىرى ۋە ۋېرسدىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ سانى 900 غا كۆپەيتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر