باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىپ بولدۇق

2016.08.04 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنى 20 دۆلەت گۇرۇھى تارىخىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ قاتناشقان بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى بولۇپ قالىدۇ. ھازىر باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىقى ئوڭۇشلۇق بولماقتا، باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىشقا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە كېڭەيتىش جۇڭگونىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. جۇڭگو ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەندىن بۇيان، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا كىرىشىپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر، مېھمان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشى ئارقىسىدا، سودا، ئېنېرگىيە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدى، سودا-سانائەت، ياشلار، ئاياللار، ئەمگەك، ئاقىللار ئامبىرى، ئەلئىچى جەمئىيەتلىرى قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە سۆزلىشىپ، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا مۇھىم ئاساس سالدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا 30 تۈرلۈك ئاساسلىق نەتىجە ھاسىل قىلىنىشىدىن، يىغىننىڭ ھەر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنلىرى ئارىسىدىكى نەتىجىسى ئەڭ مول يىغىن بولۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، جۇڭگو تەييارلىقنى ئوبدان قىلىپ بولدى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېغىر تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، كىشىلەرگە خۇشاللىق، دۇنياغا ئۈمىد ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر