باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى باھالاشتا ئۇدا بەش قېتىم مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

2016.08.04 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان باھالاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2015-يىللىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى باھالاشتا مەملىكەت بويىچە يەنە بىر قېتىم ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئۇدا بەش قېتىم مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  2015-يىلى، شىنجاڭ 300 مىڭ ئائىلىلىكنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى پىلانلىغان، بۇ مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنىڭ %6.94 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ۋەزىپە مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىدى. ئەمەلىيەتتە 305 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، 303مىڭ 50 ئائىلىنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

  شۇنىڭ بىلەن، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ ئائىلىلىكنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، تەخمىنەن 6 مىليون ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئاممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

  ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ ئۇدا بەش يىللىق باھالاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، باشقۇرۇلۇشى، سۈپەت سەۋىيەسى مەملىكەت بوىيچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇدا ئالتە يىل بۇنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرگەن.

  سان يىلمۇ يىل نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان، سۈپەت تېخىمۇ چىڭ بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا 20 نەچچە قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە يەر تەۋرىدى، 2014-يىلى كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال قاتتىق يەر تەۋرىدى، 2015-يىلى گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى، ھەر قايسى جايلاردا يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنىڭ بىرىمۇ بۇزۇلمىدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى كۈچلۈك قوغدالدى.

  2016-يىلى، شىنجاڭ 300 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈشنى پىلانلىغان ئىدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 280 مىڭدىن كۆپ ئائىلىلىكنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى باشلاندى، 160 مىڭدىن كۆپرەكى پۈتتۈرۈلدى.

  ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ كۆلىمى پىرىنسىپ جەھەتتە 80 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى، سۇ، توك، پار، يول، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، مائارىپ، مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك. يېزىلاردىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى كۆپەيتىلىپ، ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرى ياخشىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر