7-ئاينىڭ 31 -كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ « ئۈمىد يۇلتۇزى » پۇتبول كوماندىسى 2016 -يىللىق «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش • بىر بەلباغ، بىر يول » ( ۋۇجۇ ) خەلقئارا ياشلار ، ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، U10ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.
2016-يىللىق «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش • بىر بەلباغ ، بىر يول» ( ۋۇجۇ ) خەلقئارا ياشلار ، ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى گۇاڭشى ۋۇجۇ تەنتەربىيە مەشىق بازىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى 75 كوماندا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. قەشقەر شەھەر نەزەرباغ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ « ئۈمىد يۇلتۇزى » پۇتبول كوماندىسى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە 12 پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، يۇقىرى نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.