- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى»نى تارقاتتى
2016.08.03 17:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى»نى تارقاتتى. «لايىھە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كۆۋرۈكى ۋە تۈگۈنى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، فاڭجېنىنى بېكىتىپ، ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئىش بېجىرىش يىغىنى «لايىھە»گە ئايرىم-ئايرىم قاراپ چىقتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر