باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېگرىنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشتا نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

2016.08.04 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاۋغۇست شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرىنى مۇستەھكەملەش، گۈللەندۈرۈش سۆھبەت يىغىنى چۆچەك شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا يېڭى ۋەزىيەتتە چېگرىنى مۇستەھكەملەش، گۈللەندۈرۈش خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ۋە تەرەققىيات مۇقىملىقىنى يەنە يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى،شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، بىرىنچى سىياسىي كومۇسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خزىمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن چېگرىدا نامراتلارنى يۆلەش سىنقى ئېلىپ بېرىپ، بىرىنچى سەپتە چېگرىنى ساقلاش، ئىككىنچى سەپتە چېگرىنى مۇستەھكەملەش، ئۈچىنچى سەپتە مۇلازىمەت قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېگرىنى گۈللەندۈرۈش،خەلقنى بېيىتىش پىلانىنى ۋە ئەلنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۆلەمدە يولغا قويۇپ، چېگرىدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، چېگرىدىكى ناھىيە شەھەرلەردە نامراتلىق نىسبىتىنى %51دىن %22گە چۈشۈردى. ئىككى قېتىم چېگرا قوغدۇغۇچىلىرى تولۇقلىمىسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا ئاھالىلىرى تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇپ، بىرىنچى سەپتىكى چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ باشقا يەرلەرگە كېتىپ قالماسلىق، چېگرىنى قوغداش ئاكتىپلىقى سۇسلاپ قالماسلىققا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى، بارلىق چېگرا ئاھالىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلىرى چېگرا ساقلاش مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پىداكارلارچە تۆھپە قوشۇپ، ئۇزاق يىل چېگرىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چارۋا باقتى، چارلىدى، چېگرىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن قوغىدىدى. دەۋر تەرەققى قىلدى،ئەمما چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرىنى ساقلاش گېنى ئۆزگەرمىدى، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم رولى ئۆزگەرمىدى، ھەر بىر كىگىز ئۆي قاراۋۇلخانا ھەر بىر ئاھالە كۈزەتچى بولۇشتەك جانلىق كارتىنا ئۆزگەرمىدى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ياخشى چېگرا قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى تەڭ يەپ، تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭ چېگرىنى مۇستەھكەملەش، گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈچ خىل كۈچنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشىغا زەربە بېرىشنى چۆرىدەپ، ھەربى، ساقچى، ئەسكەر ۋە خەلقنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا چېگرىنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقىنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئى غەلبە قىلىش ھەققىدە مۇنداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، دەل توغرابولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىككىنچى، سىياسەتنى ھەقىقى ياخشى ئىشلىتىپ، نامرات ئاممىنى تېزدىن نەپكە ئىگە قىلىش، ئۈچىنچى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈستۈنلىكىنى ياخشى ئىشلىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە چېگرىدا نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچ چىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىش، تۆتىنچى، چېكىنىش ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر