باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون چاۋشيەننى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2016.08.04 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك 3- ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون چاۋشيەننىڭ شۇ كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىدىن قاتتىق چۆچۈدى، ھەمدە چاۋشيەننىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  دىيارىك شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چاۋشيەننى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇراجىتىگە ماسلىشىپ، يۆلىنىشىنى تەڭشەپ، ھەقىقىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇساپىسىگە قايتىپ كېلىشىگە دەۋەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بان كېمون ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئىزچىل تۈردە قوللاپ كەلمەكتە، ھەمدە چاۋشيەننىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كورېيە ئاگېنتلىقى 3- ئاۋغۇست كورېيە ئارمىيەسى بىرلەشمە ئىشتاب بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن شۇ كۈنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ياقىسىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئىككىنى قويۇپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي پارتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر