باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

Goldman Sachs گۇرۇھى مەخپىيەتلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەتكەن ۋە ئاشكارىلىغانلىقىدىن جازالاندى

2016.08.05 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاۋغۇست، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى زاپاس ساقلاش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، Goldman Sachs گۇرۇھى مەخپىيەتلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئېرىشكەنلىكىدىن، 36 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سوممىسىدا جازالانغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، Goldman Sachs گۇرۇھىنىڭ بىر نەپەر سابىق خىزمەتچىسىنىڭ مەخپىيەتلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاشكارىلىغانلىقىدىن، 3 مىليون 375 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سوممىسىدا جازالانغان، ھەم بۇ كىشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بانكىچىلىق ساھەسىدە ئىشلىشى مەنئى قىلىنغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى زاپاس ساقلاش كومىتېتى يەنە Goldman Sachs گۇرۇھىدىن مەخپىيەتلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

  باياناتقا ئاساسلانغاندا، 2014- يىلى Goldman Sachs گۇرۇھىنىڭ بىر نەپەر سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى نيۇيورك قوشما ئىشتاتى زاپاس بانكىسىدىن 35 پارچە مەخپىي ھۆججەتكە ئېرىشكەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ بايقىشىچە، ئاز دېگەندە 2012- يىلىدىن باشلاپ، Goldman Sachs گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى خېرىدارغا تەۋسىيە قىلىش جەريانىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلىكى بايقالغان بولۇپ، Goldman Sachs گۇرۇھى مەخپىيەتلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتە تولۇق سىياسەت، تەرتىپ ۋە خادىملارنى تەربىيەلەش كەمچىل بولغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر