باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 1703 يۈرۈش تېلېگراف ئالدامچىلىق دېلوسى پاش قىلىندى

2016.08.04 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن شىنجاڭدا ئېچىلغان يىغىندىن، يەنى، تېلېگراف تورىدا يېڭى ئۇسۇلدا جىنايەت ئۆتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ تىزگىنلەش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تېلېگراف تورىدىكى يېڭى-يېڭى تىپلىق جىناي قىلمىشلارنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىگە قارىتا، شىنجاڭدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئەمەلىي جەڭ مەركىزىي قۇرۇپ، كۆپ تارماقلار بىرلىشىپ ئىشلەپ، تېلېگراف تورى قانۇنىغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىپ، تىزگىنلەش سالمىقىنى بىرلىكتە ئاشۇرماقچى بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى جۇ چاڭجيې يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى .

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بېرى، 1- ئاۋغۇستقىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تېلېگراف تورى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىدىن5101ى تۇرغۇزۇلۇپ، تور جىنايىتىنىڭ ئاممىغا كەلتۈرۈپ چىقارغان مال-مۈلۈك زىيىنى 153 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى ئاشىكارىلانغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تېلېگراف تورى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىدىن 1703ى پاش قىلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 178% ئاشقان؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 226 نەپەر جىنايەتچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 104% ئۆرلىگەن.

  يىغىندا، رايون ۋە ۋىلايەتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇشنى، ھەمدە تۈزەش ۋە زەربە بېرىش مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى قۇرۇشنى، شۇنداقلا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تېلېگراف تورى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر