باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ئامېرىكا تۇنجى قېتىم قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2016.08.05 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن «جۇڭگو-ئامېرىكا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سۆھبىتى-ئىسلاھات ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوللاش» 3-ئاۋغۇستتىن 4-ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سۆھبىتى.

  ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ئامېرىكا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ نىشانى ئەدلىيەگە قارىتىلىپ، ئىسلاھاتنى قوللاش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نەزەردە تۇتۇلۇپ، سودا ئىشلىرى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى ۋە ئادىل، يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىسالىنىڭ سودا ئىشلىرى ھۆكۈمىدە تەدبىقلىنىشى، ھەق تەلەپ ۋە سودا دېلولىرىغا دەلىل-ئىسپات ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەجرىبىلىرى، ئۇسۇللىرى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە خىرىسلىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ.

  ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: سۆھبەت ئارقىلىق، قانۇن-تۈزۈم ۋە ئەدلىيە ئەمەلىيىتىگە بولغان ئۆزئارا چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئاساسىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق. ئىككى تەرەپ مۇنۇلارنى قارار قىلدى: جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى 2-قېتىملىق سۆھبىتى 2017-يىلى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر