باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پاتېنتقا ئېلىنىدىغان ھەق 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئەڭ كۆپ بولغاندا %85 ئازايتىلىدۇ

2016.08.05 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاۋغۇست مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ۋە قوغداشتىكى يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى «پاتېنتتىن ئېلىنىدىغان ھەقلەرنى ئازايتىش چارىسى»نى تۈزۈپ چىقتى، 2016- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئازايتىش سالمىقى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85كە يېتىدۇ.

  چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئىلتىماس ھەققى (ئېلان قىلىش باسما ھەققى، ئىلتىماس قىلىش قوشۇمچە ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ھەققى، يىللىق ھەققى (پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن شۇ يىلدىن باشلاپ ئالتە يىل ئىچىدىكى يىللىق ھەق) ۋە قايتا تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلارغا قارىتا، ئالدىنقى ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىم 3500 يۈەن (يىللىق كىرىم 42 مىڭ يۈەن)دىن تۆۋەن بولغان شەخسلەر، ئالدىنقى يىللىق كارخانىنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سوممىسى 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، پايدا ئالمايدىغان پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى %85دىن ئاز تاپشۇرسا بولىدۇ. ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ كىشى ياكى ئورۇنلار بىلەن ئورتاقلىشىپ پاتېنت ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى پاتېنت ھوقۇقىغا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار %70 ئازايتىپ تاپشۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر