باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك

2016.08.05 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمدىن نارازى بولۇپ ئۆچ ئېلىش، دېلو بېجىرىشكە دەخلى يەتكۈزۈش، رەھبەر بىلەن «گېپى بىر يەردىن چىقماي» بىۋاسىتە ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش...بۇنىڭدىن كېيىن، سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ «پاراكەندىچىلىك» تىن قۇتۇلۇشىدىن ئۈمىد بار.

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوغداش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» نى تارقىتىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 24 مىڭ 35 كىشى سودىيەلىككە كىرىپ، «دېلونى كىم بېجىرسە، شۇ مەسئۇل بولۇش» تەك يېڭىچە سوتلاش ھوقۇقى مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرىشتىكى ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ دېلو بېجىرىش 1-سېپىگە يۈزلىنىش ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 1-سەپنىڭ دېلو بېجىرىش مىقتارى ٪20 كۆپىيىپ، ٪85 تىن ئارتۇق ئەدلىيە ئادەم كۈچى بايلىقى 1-سەپكە سەپلەندى. ئەدلىيە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ دېلو بېجىرىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنى تۇرغۇزۇلۇپ، مەھكىمە باشلىقلىرى قاراپ چىقىشقا قاتناشمىغان دېلولارغا كېسىم ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇپ تارقاتمايدىغان بولدى، سوت ھەيئىتى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ دېلولارنى مۇھاكىمە قىلىش سانى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر