باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2016.06.20 11:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چۈشەندۈردى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى: گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «پىكىر»دە، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلار دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، دېدى.

  شۈ جيەنجۇڭ: بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قېلىشى ئۆزى، ئائىلىسى ۋە تاشقى دۇنيا قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ئۇلار ياردەم بېرىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە موھتاج بالىلاردۇر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۈچ جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، ئىككىنچىسى مېيىپ، ئۈچىنچىسى ئائىلىنىڭ ۋەسىيلىكى كەمچىل ياكى نامۇۋاپىق. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئائىلە قىيىنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇرمۇش، داۋالىنىش، ئوقۇشقا كىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىقى بار بالىلار؛ مېيىپلىك سەۋەپلىك سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرۋىش قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتلەردە قىيىنچىلىقى بار بالىلار؛ يەنە ئائىلە ۋەسىيلىكى ناچار بولۇش ياكى ۋەسىيلىكى نامۇۋاپىق بولۇش سەۋەبىدىن خارلىنىش، تاشلىۋېتىلىش ۋە كۈتۈلمىگەن زەخىمگە، قانۇنسىز زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق جەھەتلەردە جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ياكى زىيانغا ئۇچرايدىغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.

  «پىكىر»دە، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ( مەھەللە ئىش باشقارمىسى)، كەنت (ئاھالە) كومىتېتلىرى ئۈچ دەرىجىلىك قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەھەللە كومىتېتلىرى ئالاقىدار خىزمەت مەزمۇنىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قوشۇمچە ياكى مەخسۇس ۋەزىپىلىك بالىلار پاراۋانلىقىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن تەسىس قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرلىق مۇلازىمەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىملىقى بىلدۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر