خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇن، گۇيجۇ ئۆلكىسى جىنپىڭ ناھىيەسى جوڭلىڭ يېزىسىدا ئامما سۇنى كېچىپ يولدىن ئۆتمەكتە. ئۇدا بىر نەچچە كۈن ياغقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن، گۇيجۇ ئۆلكىسى جىنپىڭ ناھىيەسىدە 15-ئىيۇن سەھەردە يۈز بەرگەن كەلكۈندە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ۋە تاغ گەۋدىسى گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە بەش ئادەم قازا قىلغان، تۆت ئادەم يوقاپ كەتكەن.
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلدى، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان پىڭلۆ بازىرى، جۇڭلىڭ يېزىسى، ئوۋلى يېزىسى، چىمىڭ بازىرىدا خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى