باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روك: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ سۆزلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم

2016.06.17 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى روك 16-ئىيون سانت پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشىدا ئىككى تەرەپ ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلەيدۇ، سۆزلىشىش ئىنتايىن مۇھىم.

  روك مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىش بىر خىل ئاقىلانە تەپەككۇر بولۇپ، بۇ قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغا مەزگىلىمدە مەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازالاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىمزالىغۇچى تەرەپ، مىنىسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، رۇسىيەگە قاراتقان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى.

  روك مۇنداق دېدى: گەرچە رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ساقلانغان بولسىمۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بىرگە تېررورچىلىققا داۋاملىق زەربە بېرىدۇ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، سۇرىيە كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇچرىشىشنى ساقلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر