باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران، خەلقئارا سوتقا ئامېرىكىنىڭ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىنى توڭلاتقانلىقى توغرىسىدا ئەرز سۇندى

2016.06.17 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 16-ئىيون خەۋەر قىلىشىچە: ئىران يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گاھاگادىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسى توڭلاتقان ئىراننىڭ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

  بۇ يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا ئالى سوت مەھكىمىسى بىر تۈرلۈك ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىراننىڭ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىنى 1983- يىلى لىۋاندىكى پارتلاش دېلوسىدا ۋە ئۇندىن باشقا ئىران بىلەن ئالاقىسى بولغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە يارىلانغان ۋە قازا قىلغان ئامېرىكىلىقلارغا تۆلەم بېرىشكە ئىشلېتىشنى قارار قىلغان.

  بۇنىڭغا قارتا، ئىران تاراتقۇلىرى 16-ئىيون ئىران زۇڭتۇڭى روخانىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ئىران بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئىران بۇ ۋەقەگە قارىتا خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارغىچە سۈكۈتتە تۇرمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر