- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى خىمىيەۋى قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
2016.06.17 16:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئىيون خەۋەر قىلىشىچە: دەمەشقنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى دوڭگۇتا رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورچى ئۇنسۇرلار سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا، زەھەرلىك ماددىلارنى ئىشلىتىپ، كۆپلىگەن ئەسكەرلەرنىڭ يارىلاندۇرغان.
سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: تېررورچى تەشكىلات شىمالىي قىسىمدىكى ھەلەپ ئۆلكىسى، ھەسەكەھ ئۆلكىسى ۋە دوڭگوتا رايونى قاتارلىق جايلاردا زەھەرلىك گاز ئىشلەتتى.
بۇ يىل 1-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىمىيەۋىي قوراللارنى مەنئى قىلىش تەشكىلاتى، سۇرىيە دوكلات قىلغان خىمىيەۋىي قوراللارنى رەسمىي كۆيدۈردى. بىراق ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ 4-ئايدا سۇرىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى دەيزۇر ئۆلكىسىدە خىمىيەۋىلىك گازنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر