باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، ئامېرىكىنىڭ قوراللارنى كونترول قىلىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.06.17 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدىن 15-ئىيون ۋاشىنگتوندا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قوراللارنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىدىن شۇ كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ بىر قورالغا قارشى تەشكىلاتىنىڭ ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە مۇنداق دېدى: 2012- يىلى كوننېكتىكات ئىشتاتىدىكى ساندىخوت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكىنىڭ قوراللارنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن، قوراللارنى كونترول قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىدىن ۋاز كەچمەيمەن.

  ئامېرىكا نوپۇسى 300 مىليون بولۇپ شەخسلەردە ساقلانغان قوراللارنىڭ سانى 300 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2015- يىلى ئامېرىكىدا جەمئىي 50 مىڭدىن كۆپرەك قېتىم ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 13 مىڭ كىشى قازا قىلغان، 26 مىڭ كىشى يارىلانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر