باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشانغانلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلدى

2015.12.28 09:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-سانلىق يىغىنىدا تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى ياشانغانلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلاتى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلدى، يىغىنغا قاتناشقانلار ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تېزدىن تەرەققى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشى ئۈچۈن تەكلىپ، تەدبىر كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ياشانغانلارنى كۈتۈش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، مەھەللە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزدا ياشانغانلار نوپۇسى 243 مىليونغا بارىدىكەن، ئېلىمىزدە قېرىلىشىش تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىش مۇساپىسىدا ئاز پەرزەنتلىك بولۇش، پەرزەنتلىك بولماسلىق ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا، قاراقچۇقسىز قېلىش، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماسلىق، قېرىش، نامراتلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن ھادىسىلەر تەڭلا يۈز بەردى، قېرىلىشىش مەسلىسى قىسقا مۇددەتتە بىراقلا كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر