باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچۇر خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ كىرىمى كېلەر يىلى ئىككى تېرلىيون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن

2015.12.28 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جۇڭگو ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تەتقىقات يۇرتى يېقىندا جۇڭگو ئۇچۇر خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ 2016-يىللىق ئون چوڭ يۈزلىنىشىنى ئېلان قىلدى. تەتقىقاتتا كېلەر يىلى ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى كىرىمى ئىككى تېرلىيون يۈەندىن ئېشىپ، يۇقىرى ئېشىشنى ساقلايدۇ، ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى كىرىم جەھەتتە ئۇدا ئالدىدا مېڭىش ۋەزىيىتىنى ئىنتېرنېت كارخانىلىرى كىرىمىنىڭ تېز ئېشىشى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ ھېسابلاندى.

  جۇڭگو ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش ئىنژىنېرى يۈ شياۋخۇي مۇنداق دەپ قارىدى: كەسىپلەر تەڭشىلىش جەريانىدا، ئەنئەنىۋى تېلېگراف كەسپى ئاستا-ئاستا ئۇل ئەسلىھەنى ئاساس قىلغان كەسىپكە ئۆزگىرىدۇ، ئەنئەنىۋى تېلېگراف كارخانىلىرى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئىشلەشنى ئاساس قىلغان باسقۇچقا قايتىدۇ، كەسىپتىكى تېخىمۇ كۆپ ئېشىش بوشلۇقىنى ئۈندىدار قاتارلىق ئىنتېرنېت سەرخىل ئىجادىي مۇلازىمەتلىرى يارىتىدۇ.

  جۇڭگو ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تەتقىقات يۇرتى ئۇچۇر خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى ساھەسىنىڭ رەئىسى ليۇ گاۋفېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: 2016-يىلى ئاساسىي تېلېگراف كەسپىنىڭ كىرىمى ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولىدۇ، ئاستا، مۇقىم ئېشىش تۇراقلىق ھالەتكە ئايلىنىدۇ. كېيىنكى كۆچمە سانلىق مەلۇمات ئېقىمى، تېز سۈرئەتلىك كەڭ بەلۋاغ ئاساسىدىكى مۇقىم قوشۇلما قىممەت كەسپى ۋە ئەشيا تورى كەسپى تېلېگراف كەسپىنىڭ ئاساسلىق ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. ليۇ گاۋفېڭ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلارنىڭ 500دىن، بازار قىممىتى ئون تېرلىيون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر