باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق سىياسىي ئاساسىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك

2015.11.09 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 7-نويابىر تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ رەھبىرى ما يىڭجيۇ بىلەن سىنگاپوردا ئۇچرىشىپ، ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشىدەك يېڭى سەھىپىنى ئاچتى. شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتا ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق سىياسىي ئاساسىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىككى قىرغاق خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خەرىتە سىزىپ، يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ چوقۇم ئىككى قىرغاقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا پائال ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئاساس پۇختا بولمىسا، يەر جاھان زىل زىلىگە كېلىدۇ . 2008-يىلدىن بۇيان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم ھالقا ئىككى تەرەپنىڭ «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سىياسىي ئاساسنى مۇقىملاشتۇرغانلىقىدا. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى قىرغاق «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»دىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساسنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، بۇنىڭ يادروسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تۈپ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئېنىق چېگرىسى قىلىنغان. ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتى ياكى «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» مۇناسىۋىتى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى قىرغاق بۈگۈنگە قەدەر بىرلىككە كەلمىگەن بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئەزەلدىن پارچىلانمىغان. بۇ ئورتاق سىياسىي ئاساستا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر