باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا سوۋېت قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تارىخى كۆرگەزمىخانىسى ئىچىۋېتىلدى

2015.11.11 13:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەت بويىچە تۇنجى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تەرەققىيات مۇساپىسىى باش تېمىسىدىكى جۇڭخۇا سوۋېت قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تارىخى كۆرگەزمىخانىسى 7-نويابىر رۈيجىندا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭبا پىڭسو كۆرگەزمىخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  شياڭبا پىڭسو كۆرگەزمىخانىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رۈيجىن — خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋۇجۇقا كەلگەن. جۇڭخۇا سوۋېت قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تارىخى كۆرگەزمىخانىسى رەسمى ئېچىۋېتىلسە، بىز دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇساپىسىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىمىز، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دىموكراتىك سىياسىي تەرەققىياتىنىڭ شانلىق مەنزىلىگە نەزەر سالساق، بۇ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جەھەتتىكى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، كۆرگەزمىخانىنىڭ تەشۋىقات، تەلىم-تەربىيە بېرىش ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ ، كىشىلەرگە تارىخنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ چېڭىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر